ئورنۇم : بىلگە تورى >>   شىپالىق رىتسىپلار     [تۆرگە مەرھەمەت]
شىپالىق رىتسىپلار
جەمئىي542 يازما بار.   1-بەت   باش كەينى ئاياغ
  • ھەر كۈنى سامساق ئىستىمال قىلسا، كېسەل بولۇش نىسپىتىنى يېرىم ھەسسە ئازايتىدۇ.
  • دائىم ھەسەل يەپ بەرسە، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
  • ئۈرۈك يەپ چىش قاماپ قالسا، ئۈرۈك يوپۇرمىقىنى چاينىسا بولىدۇ.
  • چۈچۈمەل مىۋە يەپ چىش قاماپ قالسا، سامساق ياكى غولپىياز، يېڭى زەنجىۋىللەرنى ئېزىپ، قاماپ قالغان چىش ئارىسىغا قويۇپ، 1~2 مىنۇت چىشلەپ بەرسە بولىدۇ.
  • ئىلمان سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، چىش ئاسرىغىلى، چىش ئاغرىقىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، چىش، يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارغا ماس كېلىدۇ.
  • چىش ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن سودا سېلىنغان سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسە بولىدۇ.
  • چىش ئاغرىغاندا چوكا بىلەن تېتىتقۇنى ئاغرىغان چىشقا تەگكۈزسە، ئاغرىق تېز توختايدۇ.
  • چىش ئاغرىغاندا زەنجىۋىلنى توغراپ، ئاغرىغان چىش بىلەن چىشلىۋالسا بولىدۇ. ئۇخلىغاندا زەنجىۋىلنى ئېلۋەتمىسىمۇ بولىدۇ.
  • چىش ئاغرىغاندا سامساقنى ئېزىپ، قىزىتقاندىن كىيىن ئاغرىغان جايغا باسسا، چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىقلاردىن كىلىپ چىققان چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
  • ئىككى قوشۇق ھەسەلنى بىر چىنە قارا چايدا ئېرىتىپ سۈزۈپ ،ئەتىگەن ناشتىدىن ئىلگىرى ،ئاخشىمى يېتىشنىڭ ئالدىدا گالنى 9-10 قېتىم غار-غار قىلىپ چايقاپ ،ئاخىرىدا 3-4 يۇتۇمدىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ،قىزىل ئۆڭگەچتىن تاماق ئۆتمەيدىغان ،قسىل تاماق كېسلىنى ياخشىلاشتا ئۈنۈمى بار .
  • شال يىلتىزىدىن بىر سىقىمنى بىر چىنە سۇدا يېرىم چىنە قالغۇچە قاينىتپ ،تېرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ،دورا سۈيىنى قايتا سۈزۈپ تەييارلاپ ،كۈندە ئۈچ قېتىم بىر قوشۇقتىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ،ئاشقازان ئاغرىىقى سەۋەپلىك قۇسۇشنى توختىتىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
  • ياڭاق مېغىزىنى سىركىگە ئىككى سائەت چىلاپ ئېلىپ ،قۇرۇتۇپ سوقۇپ تالقانلاپ ،كۈندە ئۈچ قېتىم ،ھەر قېتىمدا ئۈچ بارماقتا بىر چىمدىمدىن تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازاننىڭ تاماق ھەزىم قىلالماسلىقتەك ئاجىزلىقىغا شىپا بولىدۇ.
  • كاللەك بەسەينىڭ يىلتزىنى ئېلىۋىتىپ پاكىزلەپ،ئىككى جىڭ مىقداردا ئۈگرىدەك توغراپ تۆت چىنە سۇغا سېلىپ ،ئۈچ چىنە سۈي قالغۇچە قاينىتىپ تېرىپلىرىنى ئېلىۋىتىپ ،سۈينى ئېلىۋىتىپ ئوبدان سۈزۈپ ئۈستىگە بىر جىڭ ئاق شېكەر سېلىپ يەنە بىر قاينىتىپ تەييارلاپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى كېسىلىگە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
  • كۆك يانتاق چېچىكى ئۈچ يېرىم سەر.بۇنى بىر چىنە قايناق سۇغا دەملەپ ،تەمى چىققاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ تەييارلايمىز،چوڭلار بۇ دورا سۈيىنى بىر كۈندە ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان كېسەللىكىدىن بولغان قورساق ئېسىكى ۋە قىزىتمىنى ياندۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
  • ئانار ئۇرۇقى بىر سەر ئالتە يېرىم مىسقال،يالپۇز ھەمدە ئۆرۈك يېلىمى بىر سەر ئالتە يېرىم مىسقالدىن تالقانلاپ،چوڭلار كۈندە ئۈچ قېتىم ،ھەر قېتىمدا تۆت بارماقتا بىر چىمدىمدىن،كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان كېسەللىكى سەۋەپلىك كۆڭۈل ئېلىشىش ،قۇسۇشنى توختىتىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
  • زۇكامغا 10 گىرام ئەنجۈرنى 15 گىرام قۇرۇق ئۈزۈم، بەش گىرام چۈچۈكبۇيا بىلەن قاينىتىپ ئېچىش كېرەك.
  • زۇكامغا 15 گىرام قارا شىكەرگە 15 گىرام خام چاشكا قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىش كېرەك.
  • زۇكامغا ئون گىرام شاپتۇم مىغىزىنى سۇغا چىلاپ، يۇمشىغاندا 100 گىرام گۈرۈچ قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىش كېرەك.
  • 30 گىرام گۈلسامساقنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە 20گىرام ناۋات قوشۇپ، كۈندە بىر قېتىم ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچسە زۇكامغا داۋا بولىدۇ.
  • خام زەنجىۋىلدىن ياڭاق چوڭلۇقىدا غولپىيازدىن ئالتە تال تۇرۇپتىن بىر تال تەييارلاپ ئالدى بىلەن تۇرۇپنى توغراپ بىرچىنە سۇدا قاينىتىپ يېرىمى قالغاندا زەنجىۋىل بىلەن غولپىيازنى توغراپ سېلىپ قاينىتىپ سۇزۇپ ئىلمان ھالەتتە ئىچكەندە زۇكامغا شىپا بۇلىدۇ.
  • 1/28     باش 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 13 14 15 16 17 18 19 20 21 22 23 24 25 26 27 28 ئاياغ
    بىلگە تورى http://www.bilge.cn